يېڭى مەھسۇلات
5-يىللىق ئىمتىھان ۋە دەرس پروگراممىسى

باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا تولۇقسىز 5-6-7-8-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن ماتېماتىكا ۋە پەن بىلىملىرى دەرسى بويىچە ئۆزگىچە تەييارلانغان دەرس پروگراممىمىزغا تىزىملىتىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!

بۇ دەرس پروگراممىسى، بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن شەخسىي مەكتەپلەردە ۋە نۇقتىلىق كۇرس مەزكەزلىرىدە تەدبىقلىنىۋاتقان، ئۈنۈمى يۇقىرى دەرس مېتۇدلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىستېمىلىق ھالەتتە ئىمتىھان مانىۋېرى قىلىشىنى، ئەڭ مۇھىمى مەكتەپتىكى دەرسلىرىدە كۆرۈلىۋاتقان كەمچىلىكلەر ۋە ئاجىز نۇقتىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا ھەل قىلىشىنى تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا مەكتەپتە ئۆتۈلگەن ھەر ھەپتىلىك دەرسلەرنى بۇ ئىمتىھان ۋە ئومۇملاشتۇرۇش دەرسى نەتىجىسىدە ۋاقتىدا پۇختىلاپ ماڭىدۇ.

پروگراممىنىڭ مەزمۇنى ۋە پايدىلىرى:

بۇ پروگراممىدا ھەر ھەپتىدە ئۇيغۇر ئىمتىھان مۇنبىرىدە قەرەرلىك ھالەتتە مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا ماس قەدەمدىكى ئىمتىھانلار ئېلىنىدۇ.

ئوقۇغۇچىلار ھەپتە ئاخىرىدا ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كېيىن، كېيىنكى ھەپتە ئىچىدە ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا تەپسىلىي يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن تور نەق مەيدان دەرسى بولىدۇ. ئىمتىھان سوئاللىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا، سوئاللارغا مۇناسىۋەتلىك دەرس مەزمۇنلىرىمۇ (Konu Anlatımı) قوشۇپ سۆزلىنىدۇ.

ماتېماتىكا ۋە پەن بىلىملىرى دەرس پروگراممىسى ئايرىم ئايرىم بولىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچى خالىسا بىر دەرسنى ياكى ھەر ئىككى دەرسنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.

قەرەرلىك ئېلىنغان ھەپتىلىك ئىمتىھانلار، ئوقۇغۇچىغا ئىمتىھان ۋاقتىدا ئۆزىنى قانداق ھېس قىلىدىغانلىقىنى، قانداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ۋە ئىمتىھانغا قانداق تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپلار قالماي، كېلەچەكتىكى مۇھىم ئىمتىھانلار ئۈچۈن ياخشى بولغان بىر ئىمتىھان مانىۋېرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ھەر ھەپتە ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ دەرستىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تۇرالايدۇ، ئاتا-ئانىلارمۇ پەرزەنتىنىڭ بۇ دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلىگەن-ئىگىلىمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرالايدۇ.

5-يىللىق ئىمتىھان ۋە دەرس پروگراممىسى

0.00TL
2000.00TL
  • تۆۋەندىكى بانكا ھېساباتىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ

    پۇلنى يوللىغاندىن كېيىن تالوننى ۋە ئىسىم-فامىلىڭىزنى ۋاتسئاپ كۆزنىكى (05537457571) ئارقىلىق ئەۋەتىڭ.

    Kuveyt Türk Katılım Bankası
    ھېسابات ئېگىسى: Ali Arslanhan
    IBAN : TR870020500009415997500001

ئۇچۇر يېزىڭ